Uyghurئاساسىي لۇغەت
رېنچېن يىللىرىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن خەلقىنىڭ 1592 - 1598-يىللىرىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى. <لى خاندانلىقىنىڭ تەزكىرىسى> دە رېنچېن (1592-يىل) - دىڭيو (1597-يىل) يىللىرىدىكى جەڭ دەپ خاتىرىلەنگەن. تويوتومى خىدې يوشى ياپونىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋاقتىدا چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ، زېمىنىنى كېڭەيتىش قارا نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1592-يىلى (چاۋشيەننىڭ شۇەنزۇ 25-يىلى، ياپونىيىنىڭ ۋىنلۇ 1-يىلى) 4-ئايدا، كونشى يۇكىناگا، كاتوكىي ماسا قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى 180 مىڭ كىشىلىك ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارىيىسى ۋە 30 - 40 مىڭ كىشىلىك دېڭىز ئارمىيىسى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ئۇلار فۇشەندە قۇرۇقلۇققا چىققان. لى خاندانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەزھەپ تالاش - تارتىشلىرىنىڭ كەسكىن بولۇشى، مۇداپىئەنىڭ ئاجىز بولۇشى تۈپەيلىدىن دەسلەپكى جەڭدە پايدىسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. 5-ئايدا سىئولنى تاشلاپ چىققان، 6-ئايدا پىخىنىيان قولدىن كەتكەن. شۇەنزۇ خان جەمەتىنى باشلاپ يىجۇغا قېچىپ كەتتى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەلچى ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا چاۋشيەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقلەر قوزغىلىپ، پىدائىي ئەسكەرلەرنى تەشكىللەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا زەربە بەرگەن. 5 - 7-ئايلاردا لى شۇنچېن قاتارلىقلار دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، تاشپاقىسىمان پاراخوتنى باشلامچى قىلىپ جەنۇبىي تەرەپ دېڭىز بويىدىكى يۇپۇ، خېپۇ، چىجېنپۇ، تاڭبۇ شيەنشەنداۋ قاتارلىق جايلاردىكى دېڭىز ساھىلىدا ياپون دېڭىز ئارمىيىسىنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ قىلىپ، دۈشمەنلەرنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا تەڭ ئىلگىرىلەش پىلانىنى تارمار قىلىپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان. 12-ئايدا مىڭ سۇلالىسى لى سۇرۇڭ قاتارلىقلارنى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن چاۋشيەنگە ياردەم قىلىشقا ئەۋەتكەن. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا، ياردەمگە بارغان قوشۇنلار پىخىنىياننى قايتۇرۇۋېلىپ، سىئولغا يېقىنلاشقان. 4-ئايدا، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى شېن ۋېيجىڭ ياپونىيە گېنېرالى كونشى يۇكىناگا بىلەن سۈلھ قىلىشنى باشلاپ، لوڭشەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. ياپونىيە ئەسكەرلىرى جەنۇب تەرەپكە چېكىنىپ، فۇشەنگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، تىنچلىق سۆھبىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ، ئەسكەر يۆتكەپ، پۇرسەت كەلگەندە قايتا ئۇرۇشماقچى بولغان. 1597-يىلى 2-ئايدا (چاۋشيەننىڭ شۇەنزۇ 30-يىلى، ياپونىيىنىڭ چىڭجاڭ 2-يىلى) تويوتومى خىدىيوشى يەنە 140 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرپ فۇشەندىن قۇرقلۇققا چىقىپ، شىمالغا تاجاۋۇزقىلغان. ئىككىنچى يىلى 7-ئايدا، مىڭ سۇلالىسى يەنە زور قوشۇن ئەۋەتىپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىپ، ئارقا - ئارقىدىن غەلىبە قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي تويوتومى خىدىيوشى دەرد - ئەلەمدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشنى نەسىھەت قىلغان. چاۋشيەن - جۇڭگو ئەسكەرلىرى غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ، قوغلاپ زەربە بەرگەن. 1598-يىلى لوڭياڭخەي ئۇرۇشىدا ياپونىيە قوشۇنلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرغان. 1609-يىلى چاۋشيەن بىلەن ياپونىيە <جىيۇ شەرتنامىسى> (ياپونلۇقلار <چىڭچاڭ شەرتنامىسى> دەپ ئاتايدۇ) ئىمزالىغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش چاۋشيەننى قوغداپ، ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش غەرىزىنى بىتچىت قىلغان.