Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىم پرولېتارلىرى
دۇنيا تارىخى
罗马无产者
luó mǎ wú chǎn zhě
قەدىمكى رىمدىكى ئەركىن خەلقلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمى. <پرولېتار> لاتىن يېزىقىدىكى Proletarius نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، بۇنىڭدىن <پرولېتارىيات> كېلىپ چىققان. رىم <پادىشاھلىق دەۋرى> دىكى سېرۋىي توللىي ئىسلاھاتى ۋاقتىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى<، ئۇلار پۇقرالارنىڭ بەش تەبىقىسىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇلارنىڭ يېرى ۋە مال - مۈلكى يوق بولۇپ، باج تاپشۇرمىغان، پرىنسىپ جەھەتتە ھەربىي خىزمەتمۇ ئۆتىمىگەن )رىم ئەسكەرلىككە ئالغاندا ئەسكەرلەر قورالنى ئۆزى تەييارلايتتى(. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ رىمنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشى، قۇل ئىشلىتىدىغان چوڭ ئېمىنىيە )لاتىفوندىيە( لەرنىڭ تەدرىجىي شەكىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەركىن خەلقلەر ئارىسىدىكى باي - كەمبەغەللىككە بۆلۈنۈش كۈچىيىپ، ۋەيران بولغان دېھقانلار كۆپلەپ پرولېتارلارغا ئايلانغان. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماي، دائىم رىم شەھىرىگە يىغىلىپ، دۆلەتنىڭ ماددىي ياردىمىگە ۋە بايلارنىڭ سەدىقىسىگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغان؛ پۇقرالىق سايلام بېلىتىنى سېتىپ، دائىم سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ۋە ئىمپېرىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە كەلگەندە، >بولكا ۋە سېرىك< قوغلىشىدىغان جەمئىيەتنىڭ بۇنداق پارازىت قالىمىنىڭ سانى 100 مىڭ كىشىگە يەتكەن. ئۇلار بىلەن يېقىنقى زامان پرولېتارىياتى پەرقلىنىدۇ. ئۇلار ئادەتتە >كۆچمەن پرولېتارلار< ياكى >ليومپېن پرولېتارلار< دەپ ئاتىلىدۇ.