Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رېمبران
دۇنيا تارىخى
伦勃朗
lún bó lǎng
(1606 - 1669) گوللاندىيىلىك رەسسام. ئاتىسى تۈگمەن خوجايىنى. لېيدىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. لاستمان (1583 - 1633) دىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن ئىتالىيىلىك رەسسام كاراۋاگىئو (تەخمىنەن 1573 - 1610) نىڭ يورۇقلۇق بىلەن خىرەلىكىنى نىبەتلەشتۈرۈپ رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغان ۋە راۋاجلاندۇرغان، يىغما نۇر ۋە سۈزۈك كۆلەڭگىدىن پايدىلىنىپ ئاساسىي ماۋزۇنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماھىر بولغان. ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب قوللىنىپ، سۈپەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلىگەن. ⅩⅤⅡ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گوللاندىيىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كالۋىن دىنى دۆلەت دىنى قىلىنىپ، چېركاۋلاردىكى بېزەك رەسىملىرى ۋە دىنىي مۇراسىم رەسىملىرى بىكار قىلىنغان، ئۇ <ئىنجىل> دىكى ھېكايىلەر ۋە يۇنان رىۋايەتلىرى ئاساسىي تېما قىلىنغان دەھرىيلەشتۈرۈلگەن بەزى ماي بوياق رەسىملەر ۋە چىرىتمە ئويما رەسىملەرنى سىزغان. ئەسەرلىرىدىن <پروفېسسور دۇپنىڭ ئاناتومىيە دەرسى>، <كېچىلىك چارلاش>، <يان سىكىس سۈرىتى> قاتارلىقلار ۋە كۆپلىگەن تېز سىزما كوپىيىلىرى بار.