Uyghurئاساسىي لۇغەت
رېمارك
دۇنيا تارىخى
(1898 - 1970) گېرمانىىلىك يازغۇچى، دراماتورگ. ئەسلى نامى ئېرىخ پائۇل رېمارك. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چاقىرىق بويىچە ئارمىيىگە كىرىپ، غەربىي سەپتىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مۇخبىر بولغان. 1929-يىلى ئۇرۇشقا قارشى رومان - <ئۇرۇشسىز غەربىي لىنىيە خاتىرىلىرى> نى ئېلان قىلىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغان. 1933-يىلى گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆيدۈرۈلگەن. 1939-يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ بېرىپ، ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن، ئەمما كۆپرەك شۋېتسارىيىدە تۇرغان، ئۇنىڭ يەنە <زەپەر دەرۋازىسى>، <ھايات ئۇچقۇنى>، <ھايات - ماماتلىق دەۋر>، <لېسابون كېچىسى>، <جەننەتتىكى سايە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.