Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رېين ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى菜茵联盟
cài yīn lián méng
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رېين رايونىدىكى گېرمان شتاتلىرى ناپولېئون Ⅰ نى <ھامىيلىقى> دا تۈزگەن ئىتتىپاق. 1806-يىل 7-ئاينىڭ 12-كۈنى پارىژدا كېلىشىم ئىمزالىنىپ، رەسمىي قۇرۇلغان. دەسلەپتە بۇ ئىتتىپاققا جەنۇبىي گېرمانىيە بىەن غەربىي ەېرمانىيىدىكى 16 شتات قاتناشقان، كېيىن داۋاملىق كۆپىيىپ 36 گە يەتكەن. ئىتتىپاققا قاتناشقان شتاتلارنىڭ ھەممىى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، فرانسىيىگە مەنسۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئۆز ئىچىدە <ناپولېئون قانۇنى> نى يولغا قويغان، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى قىلغان ناپولېئوننىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىكى مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان. 1813-يىلى ناپولېئون لېيپسىگ جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق پارچىلانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.