Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
日内瓦裁军会议
دۇنيا تارىخى
جەنۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى
1932-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1934-يىل 6-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنى. يىغىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىقنى تەلەپ قىلىش كۈرىشى كۈندىن - كۈنگە ئۆرلەۋاتقان ۋە بۇرژۇئا تىنچىلىق ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز ئۇلغىيىۋاتقان شارائىتتا ئېچىلغان. 60 نەچچە دۆلەت (سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قاتارلىق يىغىنغا ئەزا بولمىغان توققۇز دۆلەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)، 1500 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان. يىغىننى ئەمەلىيەتتە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر كونترول قىلىۋالغان. يىغىن مەزگىلىدە، ھەرقايسى چوڭ دۆلەتلەر يىغىنىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەربي ھازرلقلارنى قىسقارتىش تەكلىپ لايىھىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇپ، كۈرەشنى ئىنتايىن كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن، بولۇپمۇ گېرمانىيە <قورال كۈى غايەت زور بوغان دۆلەتلەرنىڭ ھەم ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش نىيىتىمۇ، ھەم ئۇلارنىڭ گېرمانىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەڭلەشتۈرۈش تەلىپىنى قاندۇرۇش نىيىتىمۇ يوق> دېگەننى باھانە قىلىپ، خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش يىغىنىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە يىغىنىنىڭ ئىچى سىرتىدا داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېىن باشتىن - ئاخىر ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ئەھدىنامىسى تۈزۈش جەھەتتە بىردەك پىكىرگە كېلەلمىگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى يىغىن مەزگىلىدە، <ھەربىي ھازىرلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل قىسقارتىش> تەلىپىنى قايتا - قايتا ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، يىغىندىن نەتىجە چىقمىغان.