Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
日俄战争
ھەربىي
rì é zhàn zhēng
رۇس - ياپون ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
روسىيە - ياپونىيە ئۇرۇشى
ياپۇنىيە بىلەن روسىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە چاۋشىيەندىكى ھوقوقمەنپەئەت تالىشىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان جاھانگىرلىك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش. 1900-يىلى چاروسىيە ئەسكەر چىقىرىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى ئىشغال قىلغان. <شىنچيۇ شەرتنامىسى>ئىمزالانغاندىن كېيىن، چاروسىيە يەنىلا ئەسكەرلىرىنى چىكىندۇرۇشكە ئۇنمىغان، ياپونىيە چاروسىيىگە ھوقوق مەنپەئەت بۆلۈپ بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، چاروسىيە بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى. 1902-يىلى ئەنگلىيە ياپونىيىدىن پايدىلىنىپ، چاروسىيىنىڭ يىراق شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن، ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1904-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيە فلوتلىرى لۈيشۈن ئېغىزى ۋە چاۋشىيەننىڭ ئىنچۇڭ پورتىدىكى چاروسىيە ئۇرۇش كېمىلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپۇنىيىگەقارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ياپۇنىيە روسىيەگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان. ياپۇنىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىر تەرەپتىن چاۋشىيەندىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، روسىيە ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىنى قۇرۇقلۇققا چىقىپ چېنجۇ ۋە داليەننى ئىشغال قىلغان. ئاۋغۇستتىكى سېرىق دېڭىز ئۇرۇشىدا ياپۇنىيە فلوتى روسىيە فلوتىنى يەڭگەن. سىنتەبردىكى لياۋياڭ ئۇرۇشىدا چاروسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى يېڭىلىپ چىكىنگەن. 1905-يىلى 1-ئايدا، ياپونىيە ئارمىيىسى لۈيشۈننى ئىستېلا قىلغان؛ 3-ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى فېڭتيەن (ھازىرقى شىنياڭ)نى ئىشغال قىلغان؛ 5-ئايدا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى چاروسىيىنىڭ يىراق شەرققا يۆتكەپ كەلگەن بالتىق دېڭىز فلوتىنى يوقاتقان. 8-ئايدا ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككىنچى قېتىملىق ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىنىڭ كېلىشتۈرۈشى ئارقىسىدا، ياپونىيە بىلەن روسىيە 9-ئاينىڭ 5-كۈنى<پورتىسىمۇت سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالىغان ياپونىيە روسىيىنى جۇڭگودا قولغا كىرگۈزۈۋالغان ھوقوقـ مەنپەئەتلىردىن جەنوبىي مانجۇرىيە تۆمۈر يولى، لۈيشۈن ۋە داليەننى ئىجارىگە ئېلىش ھوقوقى قاتارلىقلارنى ئۆزىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبور قىلغان ھەمدە ياپونىيىنىڭ چاۋشىيەندىكى ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇپ ساخلىن ئارىلنىڭ جەنۇبىنى بۆلىۋالغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال خەلقى ۋە چاۋشىيەن خەلقىنى ئېغىر ئۇرۇش ئاپىتى ئىچىگە ئېلىپ كىرگەن. ئۇرۇشتن كېيىن جۇڭگو بىلەن چاۋشىيەن جاھانگىرلارنىڭ بۆلۈۋېلىشىنى ۋە زۇلمىغا ئۇچرىغان.