Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىيازەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىيىنچىلىق، ئازاب، مۇشەققەت:
رىيازەتنى ئاشۇرمىلار پەيغەمبەرلەر تامامىدىن،
مەقام ئاشماق بىلەن بۇ ئالىي ھىممەتىدىن ئېرۇر مەئخۇز.
شەۋقى.
تەلەب ئەيلەر خۇدايى لامەكاننى،
رىيازەت ئىچرە تاشلاپ خەستە جاننى.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
راھەت - پاراغەتتىن ئۆزىنى تارتىپ جاپا چەكمەك، ئۆزىنى ئەتەي قىينىماق؛ قىينىلىش: رىيازەت چەكمەك - نەپس خاھىشلاردىن ئۆزىنى تارتماق، قىيىنچىلىق تارتماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانىي ئېزىلىش، ئازابلىنىش.
نەۋرىسى يوقنىڭ جەبرىسى يوق. جاپاسى كۆپ، ھالاۋىتى يوق. ئانىجان يادىمدىدۇر، ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ، كېچىلەردە ئۇخلىماي جەبىر _ جاپا تارتقانلىرىڭ. جاپا _ مۇشەققەت ئادەم تاۋلايدىغان ئالىي مەكتەپتۇر. تىجارەتتە رىيازەت بولىدۇ. ھەرەجنىڭ ئەجرى بار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قىينىلىش - قىسىلىش، كۆڭۈلسىز مۇھىتتا ياشاش.
راھەت، پاراغەت، راھەت - پاراغەت، ھۇزۇر، ھالاۋەت، ھۇزۇر - ھالاۋەت
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېچىلىش - يايراش، كۆڭۈللۈك مۇھىتتا ياشاش.
مېھنەتنىڭ تېگى راھەت. سالقىندا يالقۇن راھەت، ئىسسىقتا سالقىن راھەت. جاپا چەكمىگۈچە پاراغەت يوق. راھەت - پاراغەت ئىرادىنى بوشاشتۇرىدۇ. زالىم زالىمغا جەبرى سالار. ھالاۋەت بىلەن مۇشەققەت دائىم بىللە. كىشىلىك تۇرمۇش ھۇزۇر - ھالاۋەت ئەمەس، جاپا - مۇشەققەت چېكىدىغان خىزمەت. سۆز ئازابىدىن ئېغىر ئازاب يوق. ئادالەت زالىملارغا ئوقۇبەت، جاپاكەشلەرگە بەرگەي پاراغەت. رىيازەت چەكمىگەن ئالىم بولالماس. جاپا - مۇشەققەت - غەلىبىنىڭ باشلامچىسى. رىيازىتى كۆپ، ھۇزۇرى ئاز. كىشىلەر ياش ۋاقتىدا ساغلام بولغىنى ئۈچۈن پۇل تاپىدۇ، تېرىغاندا سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەمىسە، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى قاچان كۆرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
جاپا - مۇشەققەت، قىيىنچىلىق؛ ئازاب، ئازاب - ئوقۇبەت.
رىيازەت چەكمەك