Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رىگۇل
دۇنيا تارىخى
里哥
lǐ gē
(1846 - 1871) 1871-يىلىدىكى فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. بلانكسىت. ئوقۇغچىلىق دەۋرىدە بلانكىسىتلارغا يېقىنلاشقان. ئىنقىلابىي پئالىيەت بىەلن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. 1870-يىلى 31-ئۆكتەبر قوزغىلىڭى ۋە 1871-يىلى 22-يانۋار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. 1871-يىلى 18-مارت پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىدىن كېيىن، مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان ھەمدە كوممۇنا ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن ئامانلىقنى ساقلاش كومىتېتى ئەزاسى، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە كوممۇنا تەپتىش باشلىقى بولغان. ئۇ، ۋېرسالچىلارغا قارىتا ئىنقىلابىي تېررورلۇق سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋە دىنىي ھاكىمىيەت تەرەپدارلىرىغا زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. <ماي قانلىق ھەپتىسى> كۈرىشىدە، تۇتقۇن قىلىنىپ، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.