Uyghurئاساسىي لۇغەت
رىفئەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈكسەلىك، يۇقىرىلىق، يۇقىرى مەرتىۋىلىك:
رىفئەت ئارا ئاسمانچە قەدرىڭ،
ۋۇسئەتدە جەھان - جەھانچە سەردىڭ.
ئابدۇجېلىل داموللا ھاجى.
ئەگەر رىفئەتلىكىم ۋەسلىن تىلەپ ھەرچەند ھەۋا قىلدىم،
كۆرۈپ بىر يازە گۇل زەۋقىدە بۇلبۇلدەك نەۋا قىلدىم.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بۈيۈكلۈك، يۇقۇرىلىق، بۈيۈك مەرتىۋە، ئۇلۇغ دەرىجە؛ يۈكسىلىش، ئۆرلەش: رىفئەت تاپماق - يۈكسەلمەك، ئۆرلىمەك.