Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رېفلېكسئولوگىيە
پسىخولوگىيە
反射学
fǎn shè xué
بۇ روسىيە پىسخولوگىيسى بىلەن پاتولوگىيىلىك پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى بىر ئىلىمىي ئېقىم بولۇپ، ئۇنى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بېختېرىۋ (1857 - 1927) ئىجاد قىلغان، ئۇ روسىيىنىڭ ئىنقىلابىي دېموكراتىزم ئىدىيىسىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا، سېچېوۋنىڭ نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن «بىرلەشمە رېفلېكس » ۋە پاتولوگىيلىك پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان. لېكىن ئۇ، ئادەمنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى بىلەن ھايۋانلارنىڭ قىلىقلىرى ئوخشاش، ھەممىسىلا رېفلېكىسلار يىغىندىسىدىن ئىبارەت دەپ قاراپ، ئاڭنى رېفلېكسئولوگىيىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن ھەمدە رېفلېكسئولوگىيىنى پىسخولوگىيىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.