Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
热月政变
دۇنيا تارىخى
تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشى
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە ياكوبىن دىكتاتورىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان سىياسىي ئۆزگىرىش. ئۇ يېڭى يىلنامە بويىچە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12 - يىلى تومۇز ئاينىڭ 9 - كۈنى (1794 - يىل 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى) بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1794 - يىلى 6 - ئايدا فىلېئۇرۇس ( بۈگۈنكى بېلگىيە چېگرىسى ئىچىدە) جېڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، تاشقى غەم ئاستا - ئاستا تۈگەپ ياكوبىنچىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەت كۈندىن - كۈنگە كۈچەيگەن، بۇرژۇئازىيە روبېسپېرېچىلارنىڭ تېررورلۇق سىياسىتىگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان دانتونچىلارنىڭ قالدۇقلىرى تۈزلەڭچىلەر بىلەن بىرلىشىپ، تومۇز ئاينىڭ 9 - كۈنى مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ بىر يىغىنىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. روبېسپېررې، سېن جۇسىت، كوتۇن، لېبا قاتارلىق كىشىلەر قولغا ئېلىنىپ، 10 - كۈنى كاللىسىنى ئېلىش ئۈچۈن مەيدانغا ئېلىپ چىقىلغان؛ 11 - 21 - كۈنلىرى روبېسپېررېچىلاردىن يەنە 82 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن <گۇمانلىق جىنايەتچىلەر قانۇنى> (1793 - يىل 9 - ئاينىڭ 17 -كۈنى) ۋە <چوپان ئېيى پەرمانى> (1794 - يىل 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى) بىكار قىلىنىپ، مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلىپ، سۈرگۈن قىلىنغان گروندېچىلار چاقىرىۋېلىنغان، ئىنقىلابىي سوت ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىپ، ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتىتىنىڭ ھوقۇقى قىسقارتىلغان، ھەردەرىجىلىك ئىنقىلابىي كومىتىتلار تازىلىنىپ، ياكوبىنچىلار كولۇبى پېچەتلەنگەن، سودا ئەركىنلىكى قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قۇيۇلغان. تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدە تومۇز ئايچىلار ۋەكىللىك قىلغان چوڭ بۇرژۇئازىيە ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغان، بۇ فرانسىيە بۇرژۇئائىنقىلابىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.