Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەخت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆي جابدۇقلىرى، مال - مۈلۈك:كىيىم - كېچە، يوتقان، يېپىنچا.
سەپەر يۈكى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۆي جابدۇقلىرى، مال - مۈلۈك؛ كىيىم - كېچەك؛ يوتقان - يېپىنجا؛ ئەسۋاب، ئەنجام؛ سەپەر يۈكى: رەخت ئاۋىز - كىيىم ئاسقۇچ؛ رەخت جاۋاب - كارۋات، كات؛ رەختشۇي خانە - يۇيۇقخانا، كىيىم - كېچەك يۇيۇدىغان دۇكان؛ رەخت سەپەر باغلىماق - سەپەر يۈكىنى تاڭماق، مېڭىشقا تەييارلانماق. شئېىردا مۇنداق كەلگەن: ھەزرەتىڭغە نەزرە بۇ تاجۇ كەمەر، پايى تەختى رەختى ئون سەككىز شەھەر. (زەلىلى)
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل يىپ بىلەن توقۇلغان توقۇلما، مال، كىيىملىك.
رەختىڭگە ئىشەنمە، بەختىڭگە ئىشەن. رەختى بارنىڭ بەختى يوق، بەختى بارنىڭ رەختى يوق. ھازىر دۇكانلاردا ھەر خىل گەزلىمىلەر تولا. گەزمال گەزلىگەندە، گەزمالچىنىڭ قولى تىترەيدۇ. خېرت پۇل ئەمەس، ھۈنەر پۇل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پاختا، يۇڭ، كەندىر قاتارلىقلاردىن توقۇلىدىغان، كىيىم - كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى تىكىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇم، توقۇلما؛ گەزمال.
رەخت سېتىۋالماق.
كۆن - خۇرۇم، قىرىم، شاۋرۇن قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەرخىل تېرە بۇيۇملارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى.
بۇ ئۆتۈكنىڭ رەختى ياخشى ئىكەن.