Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەۋزە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باغ، باغچا؛ گۈلشەن.
جەننەت:
قەبرە، مازار، زىيارەتگاھ:
ئىقامەت چۈنكى قىلدىڭ، بابىرا، ئول ھۇركويىدا،
مەقامىڭ رەۋزەدىن ئەئلا، ئۆزۈڭ رىزۋاندىن ئارتۇقسەن.
بابىر.
3. رەۋزەسىدە تەئبىيە قەندەلى نۇھۇر،
رەۋشەن ئەيلەپ مىسلى تەجەللى زۇھۇر.
زەلىلى.
باب، بۆلۈم، پەسىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باغ؛ جەننەت. كۆچمە مەنىسى: قەبرە. مەسىلەن: رەۋزەئى خەزرا - يېشىل باغ؛ رەۋزەئى ئىرام - ئىرام باغى؛ رەۋزەئى زەركار - ئالتۇن بېزەكلىك بىنا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئۇ دۇنيادىكى ھەممە تەييار، ھەممە گۈزەل باغ
« ئېرەم، رەۋەزە، رىزۋان » لار جەننەتنىڭ ناملىرى.
جەننەت زۇلۇم يوق يەردە. مېھمان كەلگەن ئۆي جەننەت. دوزاخقا كۆنگەن كۆڭۈل بېھىشكە كۆنمەپتۇ.