Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەۋشەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
روشەن، يورۇق، يارقىن.
سۈزۈك، غۇبارسىز، پاك.
غەمسىز؛ شاد - خۇرام:
چىراغى تىيرە ئولسە ياغ قۇيماق،
كېلىپ رەۋشەن قىلىپ ئورنىغە بارماق.
خىرقەتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
بىزدە ئۆزلەشكەن تەلەپپۇزى روشەن. يورۇق، نۇرلۇق؛ تىنىق، بىغۇبار؛ غەمسىز، غەم-غۇسسىسىز.