Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رەڭ سېزىمى
بىئولوگىيە
色觉
sèjué
ئادەم كۆزى سېزەلەيدىغان يورۇقلۇق دولقۇنى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دائىرىسى ۋە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى مەركىزىدە ئوخشىمىغان رەڭ سەزگۈلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. رەڭ سەزگۈسى ھاسىل بولۇش ھەققىدىكى تەلىماتلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە نىسبەتەن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغىنى <ئۈچ رەڭ> (قىزىل، يېشىل، كۆك) تەلىماتى. بۇ تەلىماتنىڭ قارىشىچە، كۆرۈش تور پەردىسىدە ئۈچ خىل كۆرۈش پرامىداسىمان ھۈجەيرىلەر بولۇپ، تەركىبىدە ئايرىم ھالدا (ھەرقايسى ئۆز ئالدىغا) ئوخشىمىغان ئۈچ خىل، يەنى قىزىل، يېشىل، كۆك ئوپتىك - خىمىيىلىك ماددىلار بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەربىر خىل ماددىنىڭ پارچىلىنىشى ئوخشىمىغان نېرۋا تالالىرىنى غىدىقلاپ نېرۋا ئىمپۇلسىنى قوزغايدۇ ھەم چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ كۆرۈش مەركىزىدىكى ئوخشىمىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە يەتكۈزۈلىدۇ. ئۈچ خىل كۆرۈش پرامىداسىمان ھۈجەيرىلىرى ئوخشاش دەرىجىلىك غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا ئاق رەڭ سېزىمى شەكىللىنىدۇ. باشقا رەڭلەرنىڭ سېزىمى بولسا، بۇ ئۈچ خىل كۆرۈش پرامىداسىمان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان نىسبەتتە غىدىقلىنىشىدىن شەكىللىنىدۇ. رەڭ سېزىمىنىڭ نورمالسىزلىقى ئىككى خىل، يەنى رەڭ سېزىش ئاجىزلىقى ۋە رەڭ قارىغۇسىدۇر (دالتونىزم). رەڭ سېزىمىنىڭ سېزىش ئاجىزلىقى قىزىل، يېشىل، كۆك رەڭلەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتىن ئىبارەت. بۇ ئېھتىمال سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. رەڭ قارىغۇسى تولۇق رەڭ قارىغۇسى ۋە قىسمەن رەڭ قارىغۇسى دەپ ئايرىلىدۇ، ئالدىنقىسى پەقەت يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ، نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ؛ كېيىنكىسى كۆپىنچە قىزىل، يېشىل رەڭ قارىغۇسى بولۇپ، كۆك رەڭ قارىغۇسىمۇ ئۇچرايدۇ. قىزىل، يېشىل رەڭ قارىغۇلۇقى ئېھتىما تەركىبىدە قىزىلنىڭ يورۇقلۇق سەزگۈچى پىگمېتلىرى ياكى تەركىبىدە يېشىلنىڭ يورۇقلۇق سەۈگۈچى پىگمېنتلىرى بولغان كۆرۈش پرامىداسىمان ھۈجەيرىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەرنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ.
ئۇنىۋېرسال
sè gǎn
色感
تەنتەربىيە,ئۇنىۋېرسال,مائارىپ,تېببىي
色觉
sè juéDفىزىكا
色视觉
sè shì juéDئېلېكترون، ئۇچۇر
色彩感觉
sè cǎi gǎn jué