Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەسۇل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: رۇسۇل. ئەلچى، پەيغەمبەر:
بەھەققى ئالى نەبى ھۇرمەتى سەھابە كىبار،
رەسۇلغە ئوخشە يەنە ساھىبۇل - ئەلەم بولماس.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەلچى، خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يالۋاش، پەيغەمبەر.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى قوبۇل قىلغان، ئۈستىگە دىنىي ۋەزىپە ئالغان ئادەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ ئاللانىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرگە بىر ئىلاھلىق ئەقىدىنى تەرغىب قىلغان ئادەم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئاللا بەزى مىللەتلەرگە رەسۇل ئەۋەتكەنلىكى ئېيتىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 28 ئادەمنىڭ ئىسىمى تىلغا ئېلىنغان. بەزى سورۇنلاردا يالغۇز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ ئاخىرقى رەسۇلى، يەنى «... پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر» (33 - سۈرىنىڭ 40 - ئايىتىدىن). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىمان ئېيتىش ئىسلام دىنىدىكى ئاساسىي ئەقىدىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنڭ قارىشىچە، 124 مىڭ پەيغەمبەر، 315 رەسۇل ئۆتكەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ مەشھۇر ئالتە رەسۇ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، پەيغەمبەر ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ، بېشارەت بېرەلەيدۇ. رەسۇل شۇنداق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاللا تاپشۇرغان مەخسۇس ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغا بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئورنى پەيغەمبەرلەر ۋە ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رۇسۇل
ئەلچى، خەۋەرچى، پەيغەمبەر