Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەشك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىچى تارلىق، قىزغانماق، كۈنچىلىك، كۆرەلمەسلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ياخشى كۆرگەن كىشىسىنى بىراۋدىن كۈنلەش، قىزغىنىش؛ كۈنداشلىق.
ئايشەم ئۇلارنىڭ بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلىدە رەشك قوزغالدى ۋە دېرىزىنى يېپىۋەتتى.
كۆرەلمەسلىك، ھەسەت، ئىچى تارلىق.
- قانداق، رەشكىڭ كېلىۋاتامدۇ؟ - دېدى ئۇ دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ.