Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
热释光断代
دۇنيا تارىخى
قىزىتىلغان راتسىيىگە قاراپ دەۋرگە ھۆكۈم قىلىش
قەدىمكى ساپال قاچىلارنىڭ كۆيدۈرۈلگەن يىلىنى ئۆلچەشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. قىزىتىلغان راتسىيە قاتتىق جىسىمنىڭ توپلانغان ئىنىرگىيەنىڭ قىزىتىلىش ئارقىسىدا رادىئاتسىيىنىڭ تەسىرى بىلەن نۇر قويۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. ساپال قاچىغا ئىشلىتىدىغان سېغىز توپىنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى تەبىئىي رادىئو - ئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئۇران، تورىي ۋە كالىي قاتارلىقلار بولىدۇ. ئۇنىڭ يېرىم ئاجىزلىشىش دەۋرى بىر مىليارد يىلغا بارىدۇ، ئۇنى ھەريىلى مۇقىم مىقداردا تەمىنلەيدىغان تۇراقلىق مىقداردىكى رادىئو ئاكتىپ مەنبەسى قىلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساپال قاچىدىكى سېغىز توپىدا مۇۋاپىق مىقداردىكى كۋارتس، دالا شىپاتى قاتارلىق فوسفورلۇق جىسىم بولۇپ، ئۇ رادىئاكسىيە رىئاكتىپىنى خاتىرىلەش ماھارىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل ماددا تەڭ مەۋجۇت بولغان ساپال قاچىلاردا، فوسفورلۇق جىسىم شۇ قاچا كۆيدۈرۈلگەندىن بۇيان قوبۇل قىلغان تەبىئىي رادىئاتسىيىنىڭ توپلانغان مىقدارىنى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەپ تۇرىدۇ. دېمەك، قاچا كۆيدۈرۈپ ياسالغاندىن كېيىن تەبىئىي توپلانغان مىقدار رادئو ئاكتىپلىق مەنبەسى ھەر يىلى بېرىپ تۇرىدىغان تۇراقلىق مىقدارغا بۆلۈنسىلا، ساپال قاچا ئىشلەنگەن يىلنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ساپال قاچىدىن باشقا، 500 گرادۇستىن يۇقىرى ھارارەتتە قىزدۇرۇلغان يېپىشقاق توپىدىن ئىشلەنگەن نەرسىلەر، مەسىلەن، خىش، كاھىش، خۇمدان، مىس ۋە تۆمۈر ئەسۋابلارنى قۇيىدىغان قېلىپلارغىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. تۆتىنچى دەۋردىكى يانار تاغ تاشلىرى ۋە چۆكمىلەرنىڭ يىللىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆلچەشكە بولىدۇ. ئۆلچىنىدىغان ئەڭ ئۇزۇن يىل چېكى بىرنەچچە يۈز مىڭ يىل بولىدۇ.