Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رەشىدىددىن
دۇنيا تارىخى
拉施特
lā shī tè
(1247 - 1318) خوجا رەشىدىدىن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىلخانىلار خانلىقىنىڭ تارىخشۇناسى. سىياسىئونى. ئاتا - بوۋىسى يەھۇدىي. ياش ۋاقتىدا دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن، كېيىن پادىشاھ ئابۇخا خان (1265 - 1282) نىڭ دوختۇرى بولغان. 1298-يىلى غازان خان تەرىپىدىن باش ۋەىزلىككە تەيىنلەنگەن. بىر قاتار ئىقتىسادىي ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنلەرلىك بولغان. كېيىن تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. كۆپ ئەسەر يازغان، <جامىئۇتتەۋارىخ> دېگەن ئەسەرنىڭ باش تەھرىرى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاساسەن موڭغۇللار ۋە ئىران تارىخى بايان قىلىنغان ھەم بۇ ئەسەر فرانكلار، يەھۇدىيلار ۋە جۇڭگولۇقلارنىڭ تارىخىغىمۇ چېتىلغان بولۇپ مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى بار