Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەقىب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆزىتىپ يۈرگۈچى، پايلاقچى، دۈشمەن:
رەقىبىڭ ئولماسۇن مەقسۇدى ھاسىل،
ئەلىفدەك قەددىمى ول سالدى دالە.
نەسىمىي.
فىراقىڭ زۇلمىدە داد ئىستەرەم داد،
رەقىبىڭ دەستىدىن فەريادۇ فەرياد.
سەيىد ئەھمەد.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قارشى ياق، رىقابەتچى، بىر ئىشتا باشقىلاردىن ئۈستۈن بۇلۇشنى ياكى ئۆتۈپ كېتىشنى تىلىگۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇسابىقە، مۇنازىرىلەردە بىر - بىرىگە قارشى تەرەپلەر.
رەقىب ئەسلىدە «ئىشقىي دۈشمەن» نى كۆرسىتەتتى. ھازىر تەنتەربىيىدە مۇسابىقىلاشقان تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
«مۇخالىپ» ئىلمىي- نەزەرىيىۋى كۈرەشتە بىر بىرىگە قارشى تەرەپنى كۆرسىتىدۇ.
«رىقابەتچى» سىياسىي -
ئاجىز دۈشمەننى سەل چاغلىما، مۇدھىش رەقىبتىن قورقما. مۇخالىپلىرىمىز يەڭمەكچى، بىز يېڭىلمەيمىز. رىقابەتچىگە رىئايە يوق. يەڭگەن بولساڭ، كۈشەندەم يوق دېمە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
رىقابەتلىشىش خاراكتېرىنى ئالغان مۇسابىقە ئويۇنلىرى، تالاش - تارتىش، بەس - مۇنازىرە ۋە شۇ قاتارلىقلاردىك قارىمۇ - قارشى تەرەپ، ئۆزئارا رىقابەتلەشكۈچى (بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
رەقىبىنى يەڭمەك.
دۈشمەن، ياۋ.
شامەخسۇت ئۆز رەقىبنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادلىرىدىنمۇ قىساس ئالىدۇ.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
رەقىپ، رەقىپجان
پايلىغۇچى، كۆز سالغۇچى