Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەڭنىڭ قويۇقلىقى
پسىخولوگىيە
بۇ مەلۇم بىر رەڭنىڭ ئوچۇقلۇق جەھەتتىن ئۆزى بىلەن خىلدىكى رەڭدىن قانچىلىك دەرىجىدە پەرق قىلىشىدىن ، باشقىچە ئېيتقاندا، رەڭنىڭ قويۇقلۇقى مۇئەييەن رەڭ تونىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىدىن ئىبارەت، رەڭنىڭ قويۇق بولۇشى مۇئەييەن يۈز رېڭى ئۈچۈن خاس نۇرلار مىقدارى بىلەن شۇ يۈزىدىن قايتىدىغان ياكى قايتمايدىغان نۇرلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەتكە باغلىق. مۇئەييەن يۈزنىڭ رەڭ تونىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان نۇرلار شۇ يۈزدىن قانچىلىك چوڭ جاي ئىگىلىسە، سېزىلىدىغان رەڭ شۇنچە توقراق بولۇپ تۇيۇلىدۇ، رەڭ تونىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان نۇرلارنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، ئاۋۋالقى توق رەڭنىڭ بارغانسېرى ئاچلىشىپ بېرىشىغا بىرەر خروماتىك رەڭدىن (مەسىلەن، قىزىل رەڭدىن) ساپ ئاق رەڭگە ئۆتۈش ئارىسىدا ئۇچرايدىغان رەڭ تۈسى مىسال بولالايدۇ. ئەڭ قويۇق، ئەڭ توق ئەڭ چەتتىكى (قىزىل) رەڭ بولىدۇ، باشقا رەڭلەر ئاق رەڭگە يېقىنلاشقانسېرى توقلۇقى كېتىپ، بارغانسېرى ئاقىرىپ بارىدۇ، ئاخىرى ساپ ئاق رەڭگە ئايلىنىدۇ.