Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
人民党
ئۇنىۋېرسال
rén mín dǎng
خەلق پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
خەلق پارتىيسى
(1) مىللىي پارتىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. سىيامدىكى (ھازىرقى تايلاند) مىللىي بۇرژۇئازىيە قۇرغان تۇنجى پارتىيە. ياۋرۇپادا ئوقۇغان ياكى ياۋرۇپا دېموكراتىك نەزەرىيىسىنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم ياش رادىكاللار 1928 - يىلى (1925 - يىلى دېگەنلەرمۇ بار) قۇرغان. پرىدى پانوميۇڭ (1900 - 1983) مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبىرى. 1932 - يىل 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ، پادىشاھ راما Ⅶ نى پادىشاھلىق مۇستەبىتلىكتىن ۋاز كىچىشكە، ئاساسىي قانۇنلۇق پادىشاھلىق تۈزۈمنى يولغا قويۇشقا شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىرلا پارتىيە دىكتاتۇرسىنى يۈرگۈزىدىغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبور قىلغان. كېيىن ئىككى مەزھەپ بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكتىن كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەن. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرقايسى شۆبە قۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئاساسنى كېڭەيتمەكچى بولغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. 1933 - يىلى، راما Ⅶ بارلىق پارتىيىلەرنى تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن. (2) يەنى <پۇقرالار پارتىيىسى>.