Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
仁科芳雄
دۇنيا تارىخى
نىشىنا يوشىئو
(1890 - 1951) ياپونىيىلىك ئاتوم ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى. فىزىكا ئىلمىي دوكتورى. 1918-يىلى توكيو ئىپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلېكتر سانائىتى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1921-يىلى ياۋروپاغا ئوقۇشقا بېرىپ، ئەنگلاىيىلىك رۇسېرفورد، دانىيىلىك بور قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتقان. 1928-يىلى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، فىزىكا - خىمىيە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ (<فىزىكا تەتقىقاتى>) ناگائوكا تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلغان. 1931-يىلى مەزكۇر جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئورنىنى بەرپا قىلغان. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ 23 توننا دەرىجىلىك كىچىك تىپتىكى ۋە 200 توننا دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى ئايلانما تېزلەتكۈچنى ياساپ چىققان. 1948-يىلى <فىزىكا تەتقىقاتى> ئورنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندە مەزكۇر ئورۇننىڭ باشلىقى بولغان. 1949-يىلى ياپونىيە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، <ياپونىيە ئاتوم فىزىكا ئىلمىنى پېشۋاسى( دېگەن نامدىن بەھرىمەن بولغان. مەدەنىيەت ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلانغان.