Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
人工受精
دائىرە: تېببىيrén gōng shòu jīng
سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش
دائىرە: بىئولوگىيەسۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش
سۈنئىي ئۇسۇدىن پايدىلىنىپ ھايۋانلارنىڭ تۇخۇمىنى ئورۇقلاندۇۇرلغان بىر خىل تېخنىكا، مەسىلەن، ئۆي ھايۋانلىرىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىشتە، يالغان ۋاگىنىدىن پايدىلىنىپ ئەركەك مالنىڭ سپېرمىسىنى ئېلىپ، تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، چىشى مالنىڭ كۆپىيىش يولىغا كىرگۈزۈپ ئورۇقلاندۇرۇلىدۇ. سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش ئارقلىق ئەلا سورتلۇق ئەركەك مالدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، ئۇرۇقلۇق قىلىنىدىغان ئەركەك مالنىڭ يەم - خەشەك خىراجىتىنى تۆۋەنلەتكىلى ۋە يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بېلىقلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىشتە، ئەجداد بېلىقنىڭ يېتىلگەن تۇخۇم ۋە سپېرمىسى سۈنئىي ئۇسۇلدا پاكىز ئىدىشقا كىرگۈزۈلۈپ ئۇرۇقلاندۇرۇلىدۇ. بۇ خىل تېخنىكىنىڭ بېلىق بېقىشنى كېڭەيتىش، سورت يېتىشتۈرۈش، ئىرسىيەت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى يۈكسەلدۈرۈشكە ياردىمى زور.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.