Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەنە پۈتۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قەرزدار (رەنىگە قويغۇچى) قەرزنى ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، قەرز بەرگۈچى بىلەن تۈزگەن پۈتۈم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىككى تەرەپ شەرىئەتنى ئاساس قىلىپ كېڭىشىش ئارقىلىق پۈتۈم تۈزىدۇ. كاپالەت سۈپىتىدە رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇنى ساقلاشقا قەرز ئىگىسى مەسئۇل بولىدۇ. يوقىتىپ ياكى بۇزۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. قەرزنىڭ قەرەلى توشقاندا قەرزدار قەرزنى قايتۇرالمىسا، قەرز بەرگۈچى رەنىگە قويۇلغان مۈلۈكتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. رەنىگە قويۇلغان مۈلۈك قەرزگە ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاشقان قىسمى رەنە قويغۇچىغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك.