Uyghurئاساسىي لۇغەت
رەدنامە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
خۇراپى ئادەتلەر بويىچە جىن - ئەرۋاھ ئۇرغانلارنى ساقايتىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان، تۈرلۈك قەسىدىلەر يېزىلغان بىر خىل كىتاب (يەرلىك تىلدا <رەننامە> دېيىلىدۇ).
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/796
بۇ ئەسەر سېھىر - جادۇ قايتۇرۇش يوللىرى ۋە دۇئالار بايان قىلىنغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 15 × 9 سانتىمېتىر، 176 بەت. چاغاتايچە - ئەرەبچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/815
بۇ ئەسەر، ئالتە ئەسەر بىللە تۈپلەنگەن: 1( <رەدنامە>؛ 2) <دۈرۈد ئىستىغفار>؛ 3( <دۇئايى كىمىيايى سائادەت>؛ 4) نىكاھ ئوقۇش <تەرتىپى>؛ 5( <ناماز ئوقۇش، نىيەت قىلىش تەرتىپلىرى>؛ 6) <دۇرۇتلار> يېزىلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 13 × 8 سانتىمېتىر، 226 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
قەدىمكى ئەسەرلەر
XKQ/1394
بۇ ئەسەر دىنىي يول بىلەن كېسەل داۋالاش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان ئەسەر بولۇپ، ئاپتورى ۋە ئەسەرنىڭ يېزىلغان يىل - دەۋرى ئېنىق ئەمەس. فورماتى: 19 × 12 سانتىمېتىر، 146 بەت. چاغاتايچە، قول يازما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىن
خۇراپىي ئادەت بويىچە كىشىگە روھىي ئازاب سالغان بىرەر ئايەتنى، كېسەل ياكى قەستنى قايتۇرۇش، رەت قىلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان دۇئا.
رەدنامە ئوقۇماق.