Uyghurئاساسىي لۇغەت
رازى-رىزالىق
رازى-رىزالىق[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشقا، مەسىلىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇناش؛ رازىلىق، رازىمەنلىك:[مىسال:] مەن توختىئاخۇن ئاكىنىڭ بالىسىدۇرمەنكى، ئۆز رازى-رىزالىقىم بىلەن ئۇشبۇ مەيداندا قازىكالاننىڭ ئالدىغا قويۇلغان نەرسىنى موللا قۇتلۇق ھاجى ئوغلى مۇسا بايغا 300 تەڭگىگە ساتتىم.[يەشمىسى:] ② ئۆلۈم ياكى ۋىدالىشىش ئالدىدا بىر-بىرىدىن رازىلىق سوراش؛ رازىلىشىش:[مىسال:] ۋەزىر ئۇلارنى باغرىغا بېسىپ، رازى-رىزالىق بېرىپتۇ، ئۆيدە يىغا-زارە كۆتۈرۈلۈپتۇ.