Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
راستات سۈلھ شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
拉斯达特和约
lā sī dá tè hé yuē
1714-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى فرانسىيە بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كورۇلى كارل Ⅵ راستات (ھازىرقى گېرمانىيە قوشما شتاتلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) تا ئىمزالىغان شەرتنامە. شەرتنامىدە فرانسىيە <ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى>، <نېمانگىن سۈلھ شەرتنامىسى> ۋە <رىسۋىك سۈلھ شەرتنامىسى> گە ئاساسەن قولغا كەلتۈرگەن پۈتۈن زېمىنلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ، لېكىن رېين دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدا بېسىۋالغان شەھەرلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە رېين دەرياسى بويلىرىدىكى ئىستىھكاملىرىنى چۇۋۇپ تاشلايدۇ؛ ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ناپلېس پادىشاھلىقى، ساردىنىيە، توسكانانىڭ بىر قىسمى ۋە ئىپسانىيىگە قاراشلىق نىدېرلاندىيىگە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.