Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
راسپايىل
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉斯拜尔
lā sī bài ěr
(1794 - 1878) فرانسىيىلىك ئىنقىلابچى، دوختۇر ۋە تەبىئىي پەن ئالىمى. دەسلەپتە تىببىي ئىلىم، خىمىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. 1830-يىلدىكى ئىيۇل ئىنقىلابىغا ۋە ئىيۇل خاندانلىقىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان. <خەلق دوستى> گېزىتىنى نەشر قىلىپ، خەلق دوستى كۇلۇبىغا رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ گېزىتى <ئىسلاھاتچىلار گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1848-يىلدىكى ئىنقىلابتا دېموكراتلارنىڭ مۇھىم رەھبىرىبولغان، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىن جۇمھۇرىيەت جاكارلاشنى تەلەپ قىلغان. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاساسىي قانۇن تۈزگۈچى پارلامېنتقا قارشى نامايىشقا قاتناشقانلىقى ۋە رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1848-يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، پارىژىكى ھەر قايسى سوتسىيالىستىك مەزھەپلەر تۈرمىدىكى راسپايىلنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سايلىنالمىغان. 1854-يىلى 12-ئايدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، پارىژدىكى ھەر قايسى سوتسىيالىستىك مەزھەپلەر تۈرمىدىكى راسپايىلنى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، سايلىنالمىغان. 1854-يىلى بېلگىيىگە قېچىپ كەتكەن، 1859-يىلى كەچۈرۈم قىلىنغان، 1863-يىلى فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەن. 1869-يىلى دېموكراتلار تەرىپىدىن قانۇن چىقىرىش ئۆمىكىگە سايلانغان. 1876-يىلى ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ كوممۇنا ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىشنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.