Uyghurئاساسىي لۇغەت
راسا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
پارىسچە
ناھايىتى، تازا، بەك، ئىنتايىن، كارامەت، قاتتىق، قالتىس، ئاجايىپ.
موماي ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ راسا خۇشال بولۇپ كەتتى.
پۈتۈنلەي، تولۇق، تەلتۆكۈس.
ئۇلار جەڭنى دۈشمەنلەر راسا ئۇيقۇغا كەتكەن ۋاقىتتا باشلاشنى، قارار قىلىشتى.
خۇماردىن چىققۇدەك دەرىجىدە، قانغۇچە، بېرىلىپ، تازا.
بىر كۈنى ئەپەندىم بىر باغقا چۈشۈپ مېۋىلەرنى راسا يەۋاتقىنىدا، باغنىڭ ئىگىسى كېلىپ قاپتۇ.
توپتوغرا.
مەن ئۇنى راسا بىر يىل كۈتتۈم.