Uyghurئاساسىي لۇغەت
رانجىت سىنگ
دۇنيا تارىخى
(1780 - 1839) ھىندىستاندىكى پەنجاب شىك دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. <پەنجاب شىرى> دېگەن نامى بار. شىك ئاقساقىلى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1799-يىلى لاھۇرنى قولغا كىرگۈزۈپ، 1801-يىلى ئۆزىنى پەجابنىڭ ماھاراجا (چوڭ پادىشاھ) سى دەپ جاكارلىغان. 1805-يىلى ئامرىتسارنى بېسىۋالغان. شەرققە قاراپ كېڭەيمچىلىك قىلىشقا باشلىغاندا ئەنگلىيىنىڭ توسۇشىغا ئۇچرىغان. 1809-يىلى ئەنگلىيە بىلەن <ئارىتسار شەرتنامىسى> تۈزۈپ، سۇتلېج دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلىرىنى ساقلاپ قالغان. 1813- ۋە 1823-يىللىرى ئافغانلارنىڭ ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇلتان، كەشمىر ۋە پېشاۋار قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، پەنجابنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرىدە تەدبىر قوللىنىپ كۈچلۈك شىك دۆلىتى قۇرۇشقا ئىنتىلگەن. ئىچكى سىياسەتنى تەرتىپكە سېلىپ، فېئوداللىق تەپرىقچىلەرنى تۈگەتكەن، فرانسىيىلىك ئوفىتسېرلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن.