Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رانىيلاي ئارىۋورنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى赖尼菜阿里沃尼
lài ní cài ā lǐ wò ní
(1828 - 1896)، ماداغاسقار پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى (1864 - 1895)، فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشنىڭ سەردارى. دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت ئۆز قولىدا تۇتقان. 1868-يىلى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتىن پايدىلىنىپ، فرانسىيىنى ماداغاسقارنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. 1883 - 1885-يىللاردىكى فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فرانسىيىنىڭ تاشقى ئىشلارنى ۋەكالىتەن باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەمدە قوراللىق كۈچنى تولۇقلاشقا تىرىشقان. 1895-يىلى فرانسىيە قوشۇنى پايتەخت تانانارىۋونى ئىشغال قىلغاندا ئەسىرگە ئېلىنغان. سۈرگۈن قىلىنغان جاي - ئالجىردا ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.