Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رامبۇد
دۇنيا تارىخى
朗波
lǎng bō
(1842 - 1905) فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. 1964-يىلى پارىژ دارىلفونۇنىنى پۈتتۈرگەن. نانسى قاتارلىق جايلاردىكى داشۆلەردە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1885-يىلىدىن باشلاپ پارىژ داشۆسى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ھازىرقى زامان تارىخىدىن لېكسىيە بەرگەن. 70-يىللاردا سىياسىي ساھەگە كىرگەن. ئىككى قېتىم جامائەت مائارىپى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان، 1895-يىلى كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. 1897-يىلى ئېتىكا ۋە سىياسىيشۇناسلىق پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1893 - 1901-يىللىرى لاۋىسسې بىلەن ھەمكارلىشىپ <دۇنيا ئومۇمىي تارىخى> نى تۈزگەن. خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخى، روسىيە تارىخى ۋە ۋىزانتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا قابىلىيىتى كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئااسىي ئەسەرلىرىدىن <1792 - 1804-يىللاردىكى فرانسىيىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقى، فرانسۇزلار رېين رايونىدا>، <قەدىكى زاماندىن 1877-يىلغىچە بولغان روسىيە تارىخى>، <1789 - 1799-يىللاردىكى فرانسىيە ئىنقىلابى تارىخى>، <فرانسىيىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى>، <رۇسلار ۋە پرۇسسىيىلىكلەر> قاتارلىق بار.