Uyghurئاساسىي لۇغەت
راماتىبودى
دۇنيا تارىخى
(1312 - 1369) تايلاند ئايۇتىيا سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. تەخمىنەن 1347-يىلى قېيىن ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۇتوڭ (ئالتۇن چىقىدىغان جاي دېگەن مەنىدە، ھازىرقى سۇپانبۇرى ئەتراپى) پادىشاھى بولغان. 1350-يىلى يېڭى پايتەخت ئايۇتىيا (بۈيۈك شەھەر) نى قۇرۇپ، ئۆزىنى راماتىبودى دەپ ئاتاپ، ئايۇتىيا سۇلالىسى (1350 - 1767) نى قۇرغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە سۇكۇتئاي سۇلالىسىنى بويسۇندۇرۇپ، مېنام دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرىدىكى رايونلار ھەمدە مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1353-يىلى قوشۇنىنى باشلاپ كامبودژانىڭ ئاڭكور شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئوغلىنى ئاڭكور پادىشاھى قىلىپ تىكىلگەن. ئىچكى جەھەتتە ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تايلاندىكى ئەڭ دەسلەپكى سەككىز قىسىملىق بىر يۈرۈش قانۇن ئېلان قىلغان.