Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رامان
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەر ئىسىملىرى
热曼
rè màn
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى拉曼〈巴基〉
lā màn 〈bā jī 〉
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉曼
lā màn
(1888 - 1970) ھىندىسان فىزىك. مادراستا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مادراس ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە ئوپتىكا ۋە ئاكوستىكا ئىلمىغا قىزىققان، 1906-يىلى <يورۇقلۇق دەستىسىنىڭ چېچىلىشى توغرىسىدا> دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئۇزاق ۋاقىت لاۋازىمەتچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئوپتىكا ۋە ئاكوستىكا ئىلمىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرگەن. ئايرىم - ئايرىم ھالدا كېسېن تەتقىقات مۇكاپاتىغا (1912) ۋە ۋودبوئېن تەتقىقات مۇكاپاتىغا (1913) ئىگە بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مادراس ئىنىستىتۇتى، كالكوتتا ئۇنىۋېرسىتېتى، لاھور ئۇنىۋېرسىتېتى، پاتنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. <ھىندىستان فىزىكا ئىلمىي ژۇرنىلى> نى تەسىس قىلىشقا قاتناشقان. 1924-يىلى ئەنگلاىيە ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانىغا ئىگگ بولغان. 1920-يىلدىن باشلاپ يورۇقلۇق چېچىلىشىنىڭ تەجرىبە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 192-يىلى <بىر خىل يېڭى رادىئاتسىيە> دېگەن ماقالىسىدە چېچىلغان يورۇقلۇقتا يېڭى تۈرلۈك دولقۇن ئوزۇنلۇق تەركىبى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن چېچىلغان ماددىنىڭ تۈزۈلۈشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دېگەننى ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ ھادىسە كېيىن <رامان ئېففېكتى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ بۇ كەشپىياتى 1930-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. كېيىن بېنگال تەتقىقات ئورنىنىڭ بالشىقى، ھىندىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇدىرى ۋە رامان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەىزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.