Uyghurئاساسىي لۇغەت
راك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
دېڭىز ھايۋىنى، تۈرى كۆپ، يېگىلى بولىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسىلى، سەرەتان.
راك توقۇلمىسى، راك كۆچۈش، راك يىلتىزى، راك تېنى، جىگەر راكى.* تەرجىمان، شائىر خەلىم سالىھ 1992 _ يىلى 10 _ ئاينىڭ 28 _ كۈنى ئۆپكە راكى كېسىلىدىن ۋاپات بولدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئۇيغۇر « ئون ئىككى مۇقام » ىنىڭ بىرىچىسىنىڭ نامى.
راك مۇقامى 13 چوڭ نەغمە، سەككىز داستان، ئۈچ مەشرەپتىن تەركىب تاپقان.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئۇيغۇر مۇقاملىرىدى بىرى:
ھەجرىدە مەن ئوقۇپ غەزل راك ئىلە مۇختەلىف نەئىن،
بەلكى نەۋادا قىچقىرىپ خەلق ئارا بىنەۋا بولاي.
موللا سالېھ.
راك، ئوشاق ۋە ئوشاقنىڭ مەرغۇلەلارنى ئىجاد ۋە كەشف قىلىپ ئالەمگە يايغان، شاگىردلارىغە تەئلىم قىلغان ئېردى.
مۆجىزى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بىر خىل نەغمە (مۇقامنىڭ بىر تۈرى)؛ ھىيلە؛ نەيرەڭ؛ ياغاچ كاسە؛ قوشقار؛ جەڭ دۇمبىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
زوئولوگىيە
بوغۇم ئاياغلىق ھايۋان. تېنى ئۇزۇن بولۇپ باش، كۆكرەك ۋە قورساقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، تېنىنىڭ سىرتىدا قاسراق ماددىسىدىن تۈزۈلگەن يۇمشاق، نېپىز ھەم سۈزۈك قاپچۇقى بولىدۇ، قورساق قىسمى كۆپلىگەن بوغۇملاردىن قۇرۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
تېبابەت
ئۈستۈنكى تېرە ھۈجەيرىلىرىدىن شەكىللەنگەن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە، يەنى سەرەتان كېسەللىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مۇزىكا
ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى <12 مۇقام> نىڭ بىرىنچىسىنىڭ نامى.
راك مۇقامى