Uyghurئاساسىي لۇغەت
رافلېس
دۇنيا تارىخى
(1781 - 1826) ئەنگلىيىلىك مۇستەملىكىچى. 1795-يىلى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان. 1805-يىلى پىناڭغا ئەۋەتىلىپ شىركەتنىڭ ياردەمچى كاتىپى قىلىنغان. ئەنگلىيە ھىندۇنېزىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 1811 - 1815-يىللىرى ئەنگلىيىنىڭ ياۋادا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ۋالىيسى بولۇپ، ئەنگلاىيە سانائەت كاپىتالىغا پايدىلىق سىياسەت يۈرگۈزگەن. 1818 - 1823-يىللىرى سۇماترادىكى بېڭكۇلۇدا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن باش ۋالىي بولغان. 1819-يىلى 1-ئايدا، شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە ۋاكالىتەن جوھور سۇلتانى ھۈسەيىن تېككۇلوڭ ۋە تېمېڭگوڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ھەر يىلى 8000 ئىسپانىيە تەڭگىسى بېرىش بەدىلىگە سىنگاپوردا تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ھەمدە سىنگاپورنى ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى سودا پورتى قىلىشقا تىرىشقان.