Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
破坏广播电视设施 , 公用电信设施罪
pò huài guǎng bō diàn shì shè shī , gōng yòng diàn xìn shè shī zuì
بۇ - قەستەنلىك بىلەن رادىئو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەسلىھەلىرى، جامائەت ئىشلىتىدىغان تېلېگراف، تېلېفون ئەسلىھەلىرى ۋە ياكى باشقا رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئىشلىتىلىۋاتقان ھەرخىل رادىئو - تېلېۋىزىيە، تېلېگراف ئەسلىھەلىرى جەھەتتىكى جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە رادىئو - تېلېۋىزىيە، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
124 - ماددا 1 - تارماق رادىئو - تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرى، جامائەت تېلېگراف ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا يەتتە يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.