Uyghurئاساسىي لۇغەت
رادىئوبىئولوگىيە
بىئولوگىيە
ئىئونلىنىش رادىئاتسىيىسىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئېففېكتى ۋە رولىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ئىئونلىنىش رادىئاتسىيىسى مۇۋاپىق مىقدار ۋە مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا جانلىقلارنىڭ ئۆسۈش ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەسلىگە قالىدىغان توساتتىن ئۆزگىرىشنى ئىندۇكسىيىلەش (مەسىلەن، رادىئاتسىيىدىن پايدىلىنىپ سورت يېتىشتۈرۈش) ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغان توقۇلمىلار (ئۆسمە قاتارلىقلار) نى ئۆلتۈرۈش، مىقدارى يۇقىرىراق بولغاندا جانلىقلاردا كېسەللىك پەيدا قىلىپ ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە مېدىتسىنا قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، قانداق قىلغاندا رادىئاتسىيىسىنى ئىنسانلارغا پايدىلىق بولغان جەھەتلەرگە ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلارغا بولغان زىيانلىق تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رادىئوبىئولوگىيىنىڭ مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.