Uyghurئاساسىي لۇغەت
رادېسكي
دۇنيا تارىخى
(1766 - 1858) ئاۋسترىيىلىك مارشال. چېخ ئاقسۆڭەكلىكتىن كېلىپ چىققان. 1809 - 1813-يىللىرى ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. 1813 - 1914-يىللىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان. لېيپسگ جېڭىگە قاتناشقان (1813). 1831 - 1857-يىللىرى شىمالىي ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغاندا، 1848-يىلدىكى ئىتالىيە ئىنقىلابىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. 1849 - 1957-يىللىرى لومباردىيە - ۋېنېتسىيە رايونىنىڭ گوبېرناتورى بولغان.