Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
رادىچ
دائىرە: دۇنيا تارىخى拉迪奇
lā dí qí
(1871 - 1928) يۇگوسلاۋىيە كرودىيە دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسچىسى ۋە رەھبىرى. كرودىيىلىك. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، 1904-يىلى كرودىيە دېھقانلار پارتىيىسىنى قۇرۇپ، كرودىيىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1918-يىلى سېربىيە - كرودىيە - سلوۋېنىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، چوڭ سېربىيىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قوشما شتات قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان. كېيىن بىر مەھەل غەربىي ياۋروپا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ساياھەت قىلغان. 1925 - 1927-يىللىرى پاشىچ ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرى بولغان. كېيىن پارلامېنتتا ئوققا تۇتۇلۇپ ئېغىر ياىرلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن. <سكۇپىستىنا قاتىللىق دېلوسى> گە قاراڭ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.