Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قىزىل رور قوشۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى红色鲁尔军
hóng sè lǔ ěr jūn
گېرمانىيە رور ئىشچىلىرىنىڭ كاپ توپىلىڭىغا قارشى كۈرەش داۋامىدا تەشكىللەنگەن قوراللىق ئەترىتى. 1920 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، گېرمانىيىدە ئىمپېرىيە تۈزۈمىنى تىرىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كان توپىلىڭى يۈز بەرگەن، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىشچىلار تەرەپ - تەرەپتىن ئومۇمىي ئىش تاشلاپ، ئۇنىڭغا قايتۇرما زەربە بەرگەن. رور رايونى ئىشچىلىرى گېرمانىيە كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە تەخمىنەن 150 - 200 مىڭ كىشىلىك <قىزىل رور قوشۇنى> تەشكىللەپ، توپىلاڭچىلارغا قارشى قوراللىق كۈرەش قىلغان. كاپ توپىلىڭى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، <قىزىل رور قوشۇنى> ئىچىدىكى سوتىسىيال دېموكرات ئۇنسۇرلار كوممۇنىستلارغا بىلدۈرمەي ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، قوشۇننىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.