Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قىزلىقىنى ئېلىش ھوقۇقى
دائىرە: ئۇنىۋېرسال初夜权
chū yè quán
دائىرە: دۇنيا تارىخى初夜权
chū yè quán
قەبىلە باشلىقى ياكى فېئودال خوجىدارلارنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق ئۇرۇق ئەزالىرى ياكى يانچىلار تۇرمۇش قۇرغاندا، كېلىننىڭ قىزلىقىنى ئېلىش ئىمتىيازى (ھەممىسىگىلا بۇ ھوقۇقنى قوللانغان ئەمەس). بۇ، توپ نىكاھلىقتىن قالغان كونا ئادەتكە تەۋە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان مىللەتلەردە مەۋجۇت بولغان. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە فېئوداللارنىڭ يانچى ئاياللىرىغا قوللانغان بىر خىل ۋەھشىيانە ھەرىكىتى. فرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، شوتلاندىيە قاتارلىق ئەللەردە قانۇن سۈپىتىدە بەلگىلەنگەن. ئىسپانىيە ۋە فرانسىيىدە قىزلىقىنى ئېلىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت بۇ خىل قالاق ئادەتكە قارشى تۇرۇش دېھقانلار قوزغىلىڭىنىىڭ ئاساسىي تەلىپنىڭ بىرى بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.