Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىزىلگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، دولانىگە ئۇرۇقداش چاتقال
بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.1 ~ 2 مېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، كۆپ شاخلىنىدۇ. شاخلىرىدا ئۈچ قىرلىق ياپىلاق تىكەنلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، ئۇششاق يوپۇرماقلىرى بەش ~ يەتتە تال، سوقىچاق، گىرۋەكلىرى ھەرە
چىشسىمان بولىدۇ. قوشۇمچە يوپۇرمىقى ئىككى تال بولۇپ، بۇنىڭ تېگى يوپۇرماق سېپى بىلەن بىللە ئۆسىدۇ؛ گۈلى يالغۇز ياكى توپلىشىپ
ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى بەش تال، شەكلى تېمىنىسىمان، گۈل تېگى چەينەكسىمان ياكى يۇمىلاقراق، گۈلى بېغىر رەڭ ياكى ئاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ۋە گۈل غۇنچىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلاي دېگەندە گۈلى ۋە گۈل غۇنچىسىنى
ئۈزۈۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
كۆڭۈلنى ئېچىش، رەئىس ئەزالار، ئومۇمىي بەدەن، ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، ئىچ
سۈرۈشنى توختىتىش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەككىز گرام قىزىلگۈلنى 12 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئاشقازان نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە سوزۇلما ئاشقازان
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىلگۈلنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، ھەيز نورمال بولماسلىق ۋە ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىر كىلوگرام ھۆل قىزىلگۈلنى تۆت كىلوگرام شېكەر بىلەن شېكەرنى ئۆزىگە ئالغۇچە ئارىلاشتۇرۇپ، ئەينەك قاچا ياكى سىرلىق تۆمۈر قاچىغا
قاچىلاپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، ئىككى - ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئارىلاشتۇرۇپ، ئاپتاپتا 40 كۈن تۇرغۇزۇپ گۈلقەنت ياساپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر
قېتىمدا 10 ~ 20 گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان، نېرۋا كېسەللىكلىرى، مۇپاسىل، پالەچ، سىل كېسەللىكى، ئومۇمىي بەدەن
ئاجىزلىقى ۋە بەدەندىكى ھەرخىل يۆتكىلىپ ئاغرىيدىغان يەل كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلگۈل سېرىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ.
ھۆل قىزىلگۈلنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى پېشانىگە سۈرۈپ قويسا، باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.
ھۆل قىزىلگۈلنى ئېزىپ بەدەنگە سۈركەپ بەرسە، بەدەننىڭ بەدبۇيلۇقىنى يوقىتىدۇ.
قىزىلگۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، سىرتقى زەخىملەردىن بولغان يارىلارغا سېپىپ بەرسە، يارىلارنىڭ سۈيىنى قۇرۇتىدۇ.
قىزىلگۈل گۈلىدىن چىقىرىلغان ياغدا يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار رەڭگى كۆركەم، خۇش پۇرىقى ئۆتكۈر بولىدىغان قىزىلگۈلنى (گۈلسۇرۇخ)نى «دوستلۇق گۈلى» ۋە «سۆيگۈ گۈلى» دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. كۆپ ھاللاردا قىزىلگۈلنى ئېسىل سوۋغاتلىق دەپ قارايدۇ. ئاشىق - مەشۇقلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۆزئارا قىزىلگۈل سوۋغا قىلىپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى يەنە قىزىلگۈلنى گۈللەر ئىچىدىكى خانىشقا ئوخشىتىدۇ.
ئوتتۇرا ئەسىرلەر مەزگىلىدىكى ئەنگلىيىدە يەنە بىر مەيدان »قىزىلگۈل ئۇرۇشى« يۈز بەرگەن. چۈنكى، ئۇرۇشقان ئىككى تەرەپ قىزىلگۈلنى ئۆز جەمەتىنىڭ بەلگىسى قىلغان؛ بىرى، قىزىل رەڭلىك قىزىلگۈلنى بەلگە قىلغان؛ يەنە بىرى، ئاق رەڭلىك قىزىلگۈلنى بەلگە قىلغان. كېيىن، ئىككى جەمەت يارىشىپ قالغان ھەم بىرلىشىپ بىر جەمەت بولۇپ، خانلىق ئورنىنى باشقۇرغان ھەم قىزىل رەڭلىك قىزىلگۈلنى خانلىق جەمەتىنىڭ بەلگىسى قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قىزىل رەڭلىك قىزىلگۈل داۋاملىق ئىنگلاند خانلىق جەمەتىنىڭ بەلگىسى قىلىنىپ كەلگەن، ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت گۈلى دەل مۇشۇ خانلىق جەمەت ئىشلەتكەن سىزما نۇسخا بەلگىسىدىن ئېلىنغان.
ئامېرىكا كەڭ تۈردە خەلق رايىنى سىناش ئاساسىدا،1986 - يىلى23 - سېنتەبىر كۈنى پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسى قىزىلگۈلنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتىشنى تەستىقلىدى. ئامېرىكىدا بەزى شتاتلار قىزىلگۈلنى ئاللىبۇرۇنلا شتات گۈلى قىلىپ بېكىتىپ بولغان.
قىزىلگۈل − ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىدە زىچ ئۆسكەن تىۋىت تۈكچىلىرى، شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ. شۇڭا، تىكەنلىك قىزىلگۈل دېيىلىدۇ. قىزىلگۈلنىڭ گۈلى شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. قىزىل، ئاق، بىنەپشە قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ھەممىسىدە ئادەمنى مەپتۇن قىلغۇدەك خۇش پۇرىقى بار. قىزىلگۈل گۈللۈكلەردە ۋە ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق، لوڭقىلارغا چىلاپ مېھمانخانىلارنى بېزەشكە ياخشى.
قىزىلگۈلنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بەلگىلىگەن دۆلەتلەردىن ياۋروپادا يەنە ليۇكسىنبورگ ۋە بۇلغارىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنە ئىران، ئىراق ۋە سۇرىيىلەر بار. ئىراننىڭ قىزىلگۈللىرى نېفىت ۋە گىلەملىرىگە قوشۇلۇپ «ئىراننىڭ ئۈچ گۆھىرى» دېيىلىدۇ.
قىزىلگۈل يەنە ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن مۇئەتتەر (پۇراق جەۋھىرى) ۋە قىزىلگۈل مېيى ئېلىشقا بولىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنىڭ باھاسى ئالتۇن باھاسىدىن5 −6 ھەسسە يۇقىرى بولغان ۋاقىتمۇ بولغان. قىزىلگۈل مېيى بىلەن مۇئەتتەر ئاساسلىقى گىرىم بۇيۇملىرى سانائىتى، كۈندىلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار سانائىتى، يېمەكلىك سانائىتى ۋە دورىگەرلىك، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. قىزىلگۈلنىڭ يەنە چاڭ - توزانلارنى توسۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدرو فتورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا نىسبەتەنمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپ، مۇھىتنى ساپلاشتۇرىدىغان «تازىلىق ئىشچىسى» ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قىزىل + گۈل
ئىسىم
بوتانىكا
ئەتىرگۈلنىڭ قىزىل ئېچىلىدىغان ئالاھىدە بىر تۈرى، ئۇنىڭ گۈلىدىن گۈلقەنت سېلىنىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قىزىل گۈلدەك قىز.