Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇزۇتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇرۇتتى، ئىشتىيىنى كەلتۈردى.
ئول ئانىڭ بوغزىن قۇزۇتتى _ ئۇ ئۇنىڭ گېلىنى قۇرۇتتى، ئۇنىڭ ئىشتىيىنى كەلتۈردى. بۇ سۆزدىكى «ز _ z» نىڭ ئەسلى «ر _ r» بولۇپ، بىر كىم تاماق يېگۈسى كەلگەن بىرسىنىڭ بوغۇزىنى قۇرۇتۇپ قويدى دېگەن مەنىدە كەلگەن ( قۇزۇتۇر _ قۇزۇتماق). بۇ قائىدىگە يات ئەھۋال. چۈنكى ئۆتۈمسىز پېئىللارنى ئۆتۈملۈككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پەقەت «ر _ r» ھەرپىلا قوللىنىلىدۇ.
2 - 447