Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۆگىنىڭ ئۆركىشى؛ دۈمچەك: قوزالە - دۆڭ چىقىپ تۇرغان؛ قۇزدار - دۈمچەك؛ قۇزى - دۈمچەك ئادەم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تەسكەي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۆت تەرەپنىڭ بىرى، جەنۇبقا قارشى تەرەپ، كۈن چىقىدىغان تەرەپكە ئالدىنى قىلغاندا سول قول تەرەپ.
شىمالدىن شامال چىقسا، يار بۇرنۇمغا پۇرايدۇ. تەسكەينىڭ مېۋىسى قىزارماس، ئۇياتسىزنىڭ يۈزى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
قۇزغۇن، يىرتقۇچ. مەسىلەن: سېخىنىڭ بېغىغا قۇز كەلمەس ( ماقال ).
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
تەسكەي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇز، تەسكەي.
قۇز تاغ _ تەسكەي تاغ، كۈن قايرىلغاندىن كېيىن ئاپتاپ تېگىدىغان تاغ. ئۇ كۈننىڭ سول تەرىپىدە قالىدۇ، ئۇنىڭدا ھېمىشە قار ئۆكسۈمەيدۇ ۋە سوغۇق بولىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قۇزدا قار ئەكسۈمەس قويدا ياغ ئەكسۈمەس _ تەسكەيدە قار ئۆكسۈمەس، قويدا ياغ ئۆكسۈمەس.
1 - 426
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇز، تەسكەي.
قۇز تاغ _ تەسكەي تاغ، تاغنىڭ تەسكەي تەرىپى.
3 - 171
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. تەسكەي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تەسكەي تاغ