Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇتقۇزۇش كىيىمى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
بىپايان دېڭىزدا جەڭ قىلغاندا جەڭچىلـەر سـۇغـا چـۈشـۈپ كـەتـسـىلا ئىنتايىن خەتەردە قالىدۇ. دېڭىزدا بوران، كۈچـلـۈك دولـقـۇن، لەھەڭ يـوق بولغان تەقدىردىمۇ، بەدەن قۇۋۋىتى ھەرقانچە يـاخـشـى ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قـۇتـقـۇزۇش ئەسلىھەلىرى يېـتـەرسـىـز بـولـغـان ئەھۋالـدا، دېـڭـىـزدا ئۇزاقـقىـچـە ئۈزۈپ يۈرەلمەيدۇ.
قۇتقۇزۇش كىيىمىنىڭ سۇدا لەيلىتىـش كـۈچـى بـىـرقـەدەر يـاخـشـى، ئۇنىڭدىن سۇ ئۆتمەيدۇ، ئۇنى كىيىش - سېلىش ئاسان، ئۇ پۇت - قوللارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئادەمنىڭ سـۇدىـكـى بـىـخـەتـەرلـىـكـىـگـە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئارمىيىمىزنىڭ ئاسما مايكا شەكلـىـدىـكـى قـۇتـقـۇزۇش كىيىمى بار، ئۇنىڭ سىرتقى سۇدىـن سـاقـلـىـنـىـش قـەۋىـتـى ئالاھىـدە كاۋچوكتىن ياسالغان قوش يۈزلۈك كـاۋچـوك رەخـت بـولـۇپ، ئالـدى ۋە ئارقا تەرىپىدە بومباكس پاختىسى قاچىلانغان4 لەيلىتىش خالتىسى بـار، پـۈتـۈن ئېغىرلىقى1 يېرىم كىلوگراملا كېلىدۇ، بىراق ئۇ16 كىلوگرامـدىـن ئارتۇق لەيلىتىش كۈچىنى ھاسىل قىلىـدۇ، تـولـۇق ياراغلانغان جـەڭـچـى ئۇنـى كىيىۋېلىپ دېڭىزدا لەيلىسە، سۇ مۈرىسىدىن ئېشىپ كەتمەيـدۇ. قـۇتـقـۇزۇش كىيىمى يىرتىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، لەيلىتىش كۈچى يەنىلا چوڭ بولىدۇ.
دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىئاتسىيـە ئەسـكـەرلـىـرى ئۇچـقـۇچـىـلـىـرىـنـىـڭ قۇتقۇزۇش كىيىمى بىرقەدەر زور لەيلىتىش كۈچىنى ھاسىـل قـىـلـغـانـدىـن باشقا، ئۇنىڭدا پەرقلەندۈرۈش ئاسان بولۇش، كىتتىـن مـۇداپـىئە كـۆرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بار. بۇ خىل قۇتقۇزۇش كىيىمىنىڭ كۆپىنچىسى ئاسـمـا مايكا شەكىللىك بولۇپ، كۆكرەك ئايلانمىسىدا بومباكس پاختىسى توشقۇزۇلـغـان4 لەيلىتىش خالتىسى بولغاندىن باشقا، لەيلىتىش خالتىسىنىڭ تومپايـغـان قىسمىدا پۈۋلەش نەيچىسـى بـار، سـۇغـا چـۈشـۈپ كـەتـكـەنـلـەر ئۇنـى پۈۋلىگەندىن كېيىن، لەيلىتىش كۈچـىـنـى ئاشـۇرالايـدۇ، بـۇنـىـڭ بـىـلـەن گەۋدىسىنىڭ ئۈستى قىسمى سۇ ئۈستىدە تۇرىدۇ. ئاسما مايكىدا يـەنـە رادىئو ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىلمەك ۋە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى خالتىـسـى بـولـۇپ، خالتا ئىچىگە بوياق، شامالدا ئۆچمەيدىغان سەرەڭگە، لەھەڭدىن مـۇداپـىئە كۆرۈش دورىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش بولىـقـى قـاتـارلـىـق بـۇيـۇملار سېلىنغان. ئۇچقۇچىلار سۇغا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاسماندا ئايـروپىلانـنىـڭ ئۆزىـنـى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايقىسا، دەرھال دېـڭـىـز سۈيىنى بوياق بىلەن قىزىلغا بويايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قۇتقۇزغۇچىلار ئۇنى تېزلا بايقايـدۇ؛ قاراڭغۇ كېچىدە سەرەڭگىنى ياندۇرۇپ ئۆزىنىـڭ ئورنـىـنـى كـۆرسىـتـىـپ بېرەلەيدۇ؛ لەھەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۆزىنى لەھەڭدىن مۇداپىئەلىنىش دورىسى ئارقىلىـق مـۇھاپىـزەت قـىـلـىـدۇ؛ ئەگـەر يارىلانغان بولسا، جىددىي قۇتقۇزۇش بولىقىدىن پايدىلـىـنـىـپ، يـارىـسـىـنـى تېڭىۋالالايدۇ. بۇيۇم خالتىسىدا يەنە بەلگىلىك مىقداردىكى دېـڭىـز سـۈيـىـنـى تۇزسىزلاشتۇرۇش دورىسى ۋە ئوزۇق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خالتىـدا يـەنـە كومپاس بولۇپ، سۇغا چۈشۈپ كەتـكـەنـلـەر يۆنىلىشكە ھۆكۈم قىلىپ، رادىئودىن پايدىلىنىپ ئالاقە قىلالايدۇ.
دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار قۇتقۇزۇش كىيىمـى ئامېـرىـكـا ئارمـىـيـىـسـى ئۇچقۇچىلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش كىيىمى ھېسابلىنىدۇ. بـۇ خـىـل قـۇتـقـۇزۇش كىيىمىگە رادىئو بەلگە سىگنالى تارقاتقۇچ ئورۇنلاشـتـۇرۇلـغـان بـولـۇپ، ئۇچقۇچى دېڭىزغا پاراشۇت بىلەن سەكرىگەن ھامان، بۇ ئەسۋاب ھەربىيـدە ئىشلىتىلىدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالىنى تارقىتـىـپ، قـۇتـقـۇزۇشـنـى مۇراجىئەت قىلغۇچىنىڭ ئورنىنى دوكلات قىلىدۇ. قۇتـقـۇزۇش ئايـروپـىلانـى سىگنالنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان، ئىز قوغلاپ، ۋەقە چىققان ئورۇنغا كېلـىـپ قۇتقۇزىدۇ.