Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قۇسەي
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەرئىسلام دىنى
库塞伊
kù sāi yī
دائىرە: دۇنيا تارىخى古塞依
gǔ sāi yī
(تەخمىنەن مىلادى 398 - 804 - يىللار) ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ باشلىقى. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قۇرەيش قەبىلىسىنى باشلاپ خۇجا قەبىلىسىنىڭ مەككىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن. كېيىن يەنە چېچىلىپ كەتكەن قۇرەيش قەبىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ مۇقەددەس كەئىبە ئىبادەتخانىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشتۇرغان. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار <ئىتتىپاقچىلار> دەپ نام ئالغان. مەككە شەھىرىدە ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى قۇرغان. جەڭ تۇغىنى ئىدارە قىلىش، ئۆشرە - زاكات يىغىش، سۇ مەنبەسىنى باشقۇرۇش ۋە مۇقەددەس كەئىبە ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتۇش قاتارلىق ۋەزىپە - ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان. كېيىنچە بۇ ۋەزىپە - ھوقۇقلار قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قالىدىغان ئىمتىيازىغا ئايلىنىپ قالغان. قۇسەي ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەۋلادى تەدرىجىي ھالدا بىرقانچە گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتكەن، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەنە شۇ قۇسەينىڭ ئەۋلادى ئىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.