Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىدارە - تەشكىلاتلارنى تەشكىل قىلماق.
«تۈكىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتى» قۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە خىزمەت كومىتېتى تەسىس قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ۋە بۆلەكلەردىن يىغىپ - توپلاپ، بىرىكتۈرۈپ ياساپ چىقماق، سالماق؛ قۇراشتۇرماق.
ئىمارەت قۇرماق.
يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، بەرپا قىلماق، ياراتماق، بىنا قىلماق.
تەشكىلات قۇرماق.
بىر يەرگە جايلاشتۇرماق، ئورناتماق، تىكلىمەك.
دۇكان قۇرماق. قاپقان قۇرماق.
تۈزمەك، قىلماق.
بەزمە قۇرماق.